Jump to content

ئالبېرت ئېينىشتېيىن

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ئالبېرت ئېينىشتېين
Albert Einstein
تۇغۇلغان ۋاقتى1879 - 14 - مارت
ۋاپاتى1955 - 18 - ئاپرېل
دۆلەت تەۋەلىگىئا ق ش


ئالبېرت ئېينىشتېين (ئىنگ: Albert Einstein، ت. 1879 - 14 - مارت — 1955 - 18 - ئاپرېل) گېرمانىيەلىك نەزەرىيە ڧىزىكا ئالىمى، پەيلاسۇپ ۋە يازغۇچى. ئۇ دۇنياغا تونۇلغان ۋە تەسىر كۆرسەتكەن ئالىمدۇر. ئۇ "ھازىرقى زامان ڧىزىكىسىنىڭ ئاتىسى" دەپ تەرپلىنىدۇ. 1921-يىلى ئۇ نەزەرىيە ڧىزىكىسىغا قوشقان تۆھپىسى، بولۇپمۇ ڧوتو-ئېلىكتېر ئېڧڧىكىتىنى بايقىغانلىغى ئۈچۈن نوبېل ڧىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ھاياتى

[تەھرىرلەش]

ئېينىشتىيىننىڭ تۇلۇق ئىسمى- ئالبىرىت ئېينىشتىيىن(Albert Einstein) بۇلۇپ،-ⅩⅩئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى. ئۇ 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى گىرمانىينىڭ ۋىيۇرتېمبىرىگ ئوبلاستى مىيونخىن ئەتراپىدىكى مەشھۇر ئۇلم دىگەن كىچىك شەھەردە كىچىك مۈلۈكدار يەھۈدى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۇيەردە بىر ئىلىكتىر سايمانلىرى زاۋۇتىغا ئىگىدارچىلىق قىلاتتى. ئېينىشتىيىن كىچىك ۋاختىدا ئانچە زىھنى ئۆتكۈر بالا ھىساپلانمايتتى، ئۇ ئۈچ ياشتىن ئاشقاندا تىلى چىققان بولسىمۇ لېكىن بەش ياش ۋاختىدىمۇ كىكەچلەپ سۆزلەيتتى. ئاتا-ئانىسى ئۈنى زىھىن جەھەتتىن ۋە يىتىلىشى جەھەتتىن نۇرمال ئەمەس، دەپ قارايتتى. بىراق كىچىك ئېينىشتىيىننىڭ فانتازىيلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىدى. تەبىئەت ھادىسىللىرىگە قاتتىق قىزىقىپ يۈرەتتى. ئۈزىنىڭ ئەسلىشىگە قارىغاندا تۆت-بەش ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭدا بىر خىل «مۇقەددەس بىلىم ئېلىش» ئارزۇسى بولغان. شامال ۋە يامغۇرغا، ئاينىڭ نىمە ئۈچۈن چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىغا،... ھەيران قالغان. بۇلارنىڭ تىگى-تەكتىنى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىش ئۇنىڭدا ئۆتكۈر كۈزۈتۈش قابىليىتىنى يىتىشتۈرگەن. بىر كۈنى دادىسى ئۇنىڭغا بىر كۇمپاس ئېلىپ بىرىدۇ، ئۇ كۇمپاسنى قايسىلا تەرەپكە قاراتسا ئىچىدىكى سىتىرىلكىنىڭ ھامان ئوخشاش بىر يۈنۈلشنى كۆرسىتىپ تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ ئۇنىڭدا زور قىززىقىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ 12 ياش ۋاختىدا ئاممىباپ ئىلمى كىتاپلارنى ئۇقۇپ چىققاندىن كىيىن تىزلا «ئىنجىل» دىكى ھىكايىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى راست ئەمەس دىگەن تۇنۇشقا كەلگەن. ئۇ ئېۋكىلىتنىڭ «گىومىتىريەنىڭ ئەسلى نۇسخىسى» نى ئۇقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدىكى پىپاگور ‹گۇگۇ› تىئورمىسى ‹تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭ تىئورمىسى› ئۇنى چوڭقۇر جەلىپ قىلىدۇ. ئېينىشتىيىن بۇلارنى زوق-ئىشتىياق بىلەن ئەسلەپ: «ئەگەرياش ۋاختىمدا مۇشۇ ئەسەر مىنى جەلىپ قىلمىغان بولسا، نەزىريە تەتقىقاتچىسى بۇلۇپ يىتىلىىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى» دەيدۇ. شۇ يىلى ئېينىشتىيىن لونفود ئوتتۇرا مەكتىۋىگە كىرىپ ئۇقۇيدۇ.

ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى گىرمانىيە مەكتەپلىرىدىكى ئاشۇنداق قاتمال، ئۈلۈك مائارىپ تۈزىمىنى ياقتۇرمىغانلىقتىن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ئۇقۇمايدۇ. 1894-يىلى ئۈيىگە قايتىپ كىلىپ دادىسىنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنىدۇ. 1895-يىلى ئېينىشتىيىن سىيورىخ فىدراتىپ سانائات ئىنىستوتىگە ئىمتاھان بىرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ماتىماتىكا نەتىجىسى كۈرۈنەرلىك بولسىمۇ، ئورتاق نەتىجىسى ناچار بولغانلىقتىن قۇبۇل قىلىنمايدۇ. كىيىن كىيىن بائاۋۇرىيە ئوتتۇرا مەكتىۋىدە بىر يىل تۇلۇقلاپ ئۈگۈنۈپ، 1896-يىلى فىدراتىپ سانائەت ئونۋىرسىتىتى دارىلمۇئەللىمىن فاكولتىتىغا ئىمتاھان بىرىپ كىرىپ، ماتىماتىكا، فىزىكىنى بىرىلىپ ئۈگۈنىدۇ، ئۇ ۋاختىنىڭ تۇلىسىنى فىزىكا تەجىربىخانىسدا ئۆتكۈزىدۇ. بۇچاغدا ئۇ كەلگۈسىدە نىمە قىلىشنى بايقاپ فىزىكا نەزىريىسىنى بىرىلىپ ئۈگۈنىدۇ، فىزىكا ئالىمى بۇلۇشقا نىيەت باغلاپ، نەزىريە تەتقىقاتىغا كىرىشىدۇ. لېكىن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئىشسىز قېلىپ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتپ، ناچار ئۇقۇغۇچىلارغا ماتىماتىكا ۋە فىزىكا ئۈگۈتۈشتىن تاپقان كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. 1901-يىلى ئۇ توي قىلدى، ھەمدە بىر ساۋاقدىشىنىڭ دادىسىنىڭ دوستىنىڭ كۆرسىىتىشى ئارقىلىق بىكار يۈرىيدىغان لېكىن كىرىمى ئانچە يۇقۇرى بولمىغان ئۇرۇنغا يەنى بېرىن شىۋىتسارىيە فىدراتىپ پاتىنت (خاس پايدا) ئىدارىسىگە كىرىپ، پاتىنت تەكشۈرگۈچى خادىم بۇلىدۇ. 1905-يىلى 26 ياشقا كىرگەن ئېينىشتىيىن ناھايىتى قىيىن شارائىت ئاستىدا، نۇرغۇنلىغان ئىلمى تەجىربە پاكىتلىرىغا ئاساسەن، نىيوتۇننىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان مۇقەددەس دەخلىسىز بۇلۇپ كەلگەن مۇتلەق زامان‹ ۋاقىت › ۋە مۇتلەق ماكان ‹بوشلۇق› قارىشىنى ئىنكار قىلىپ، نىسپىيلىك نەزىريىسىنى ۋە يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى پىرىنسىپىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ نەزىريىۋى تۈۋرىكنىڭ بىرى بولغان تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شۇنداقلا شۇ يىلى 3- 6-ئايلاردا ئۇ يەنە «فوتۇ-ئىلىكتىر ئېفكىتى نەزىريىسى» ۋە «برئون ھەركەت نەزىريىسى»نى ئىلان قىلىدۇ. ئېنىشتىيىن گېرمانىيىنىڭ «فىزىكا ژورنىلى» دا ئارقا- ئارقىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئىلان قىلىپ، ئۈچ مۇھىم ساھە بۇيىچە تارىخى خارەكتىرلىك نەتىجىگە ئىگە بۇلىدۇ. ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر پارچە ماقالسى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشەلەيتتى. شۇ يىلى 3-ئايدا ئىلان قىلىنغان «نۇرنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىشىدىكى رىغبەتلەندۈرىدىغان نوختىنەزەر توغىرىسدا» دىگەن ماقالىسىدە ئېينىشتىيىن پىلانىكنىڭ كۋانىت پەرىزىنىڭ ئىلھامىدا «يۇرۇقلۇق كۋانتى تەلىماتى»نى ئوتتۇرغا قۇيۇپ،«ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىنىڭ ئىنىرگىيسى پارچە- پارچە يۇرۇقلۇق كۋانتى ئارقىلىق تارقىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كۋانت نەزىريىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىلىم-پەن تارىخىدا تۇنجى قېتىم مىكرو ئوبىكتىپ جىسىمنىڭ دولقۇنلۇق ۋە زەرىچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى ياقىلىمىلىق خۇسۇسىيتىنى شەرھىلەپ بىرىدۇ. ئۇ يەنە كۋانت نەزىريەسى ئارقىلىق فوتو-ئىلىكتىرىك ئىففىكىت، رادىئاتسىيە جەريانى ۋە قاتتقىق جىسىمنىڭ سېلىشتۇرما ئسسىقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇلار كۋانىت مىخانىكىسىنى تىكلەش ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.

1921-يىلى ئېينىشتىيىن «فوتو- ئىلىكتىرىك ئففىكىت قانۇنى» نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن شەرەپ بىلەن نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ. ئېينىشتىيىن بۇ شانلىق نەتىجىلەرگە ئىگە بولغاندىن كىيىن، ئۆز غەلبىسىدىن مەس بۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئۇ ھەقىقەتنى تېپىش يۇلىدا زادى توختىمايدۇ. تىزلىنىشچان ھەركەتنىڭ نىسپىيلىگى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزدىنىدۇ. 1907-يىلى تارتىش كۈچى مەيدانىدا ھەممە جىسىملار ئوخشاش تىزلىنىشتا بۇلىدىغانلىقى ئۈستىدىكى تەجىربە ئەمىليىتىگە ئاساسەن بىر خىل تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەكشى تىزلىنىش بىلەن تەڭ قىممەتتە بۇلىدىغانلىغىدىن ئىبارەت قائىدىنى ئوتتۇرغا قويدى. 1902-يىلىدىن 1909-يىلغىچە ئۇ 8 يىل «3-دەرىجىلىك مەخسۇس خادىم» لىق ۋەزىپىسىدە بولدى. 1909-يىلى مەشھۇر فىزىكا ئالىمى گىرمانىيە مائارىپ مىنىستىرى پلانكىنىڭ كۆرسىتىىشى ئارقىلىق سىيورىخ ئونۋىرسىتىتىنىڭ نەزىريە فىزىكا دوتسىنتى بۇلىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ شانلىق نەتىجىللىرىگە ئاساسەن، پلانك: «ئەگەر ئېينىشتىيىننىڭ نەزىريىسى ئىسپاتلىنىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا ⅩⅩ-ئەسىردىكى كوپىرنىكنىڭ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىغانلىقى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن» دىگەن ئىدى. ئېينىشتىيىن 1911-يىلى فىراگا گىرمانىيە ئونۋىرسىتىتى نەزىريە فىزىكىسى پىراپپىسورى بۇلىدۇ. 1912- يىلى شىۋىتسارىيەگە قايتىپ كىلىپ سىيورخ فىدراتىپ سانائەت ئونۋىرسىتىتىنىڭ نەزىريە فىزىكا پىراپپىسورى بۇلىدۇ. 1913-يىلى فروسىيە پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ ئاكادىمىكلىكىگە سايلىنىدۇ. شۇ يىلى بىرلىن ئونۋىرسىتىنىڭ فىراپپىسورى قوشۇمچە ۋىليام پادىشالىق ئىلمى جەمىيتى فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بۇلىدۇ. ئېينىشتىيىن غايەت زور خىزمىتىنى 1915-يىلى ئۇرۇنلاپ، خۇلاسە خارەكتىرلىك ئەسەر- «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسى» نى ئىلان قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىكتىكى تارتىشش كۈچى نەزىريىسى ۋە ھەركەت تەڭلىمىسگە ئاساسەن نۇرنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئاغىدىغانلىقى، مىركورىنىڭ قۇياشقا يېقىنلاشقان نوختىسىدا قوزغۇلۇش پەيدا بۇلىدىغانلىقى ۋە قۇياش كۈچى مەيدانىدىكى سىپىكتىر سىزىقلىرىنىڭ قىزىل تەرەپكە قاراپ ھەركەت قىلىدىغانلىقى توغىرىسىدىكى ئۈچ چوڭ بىشارەتنى ئوتتۇرغا قويدى. 1919-يىلى ئەنگىليە ئاستىرنوملىرى كۈننىڭ تۇتۇلىشىنى كۈزىتىش ئارقىلىق ئېينىشتىيىننىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا نۇرنىڭ قايتىدىغانلىقى توغىرىسىدىكى بىشارەتنى دەلىللىگەن. كۈزىتىش نەتىجىسىنىڭ ئىلان قىلىنىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە زور تەسىر قوزغىغان ئېينىشتىيىن 1921-يىلى نۇبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ دۇنيا بۇيىچە داڭلىق پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە شۆھرەتلىك ئەرباپ بۇلۇپ قالغان. لېكىن ئۇ ھېچقاچان ئۈزىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي يەنىلا مەلۇم بولمىغان ھەقىقەت ئۈسىتىدە كەمتەرلىك بىلەن ئۆزلىكسىز ئىزدىنىپ، ئىلىم-پەننىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم قورغانلىرىغا توختىماي ھۇجۇم قىلغان. ئۇ: « مەن بىر پارچە تاختاينىڭ ئەڭ نىپىز، ئەڭ ئاسان تەشكىلى بۇلىدىغان يىرىنى تېپىۋېلىپ، نۇرغۇن تۈشۈكلەرنى تىشىۋېتىدىغان ئالىملارغا تاقات قىلىپ تۇرالمايمەن» دىگەن ئىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا يەنى نىسپىيلىك نەزىريىسى ئالەمشۇناسلىق ۋە بىرلىككە كەلگەن مەيداندىن ئىبارەت بەكمۇ قىيىن بولغان ساھەلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يۇلىدا ئىزلىنىش خارەكتىردىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ تەتقىقاتلاردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ نەتىجە ھاسىل قىلىش ئاسان ئەمەسلىگىنى ئىنىق بىلسىمۇ، لېكىن ئۈزنىڭ شەخسى پايدا زىيىنى بىلەن ھىساپلاشماي پۈتۈن زىھنىنى مۇشۇ تەتقىقاتقا سەرىپ قىلىدۇ. بۇلۇپمۇ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىزلىنىشىگە كىيىنكى ھاياتىدىكى پۈتۈن زىھنىنى سەرىپ قىلىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ لېكىن قىلچە پۇشايمان قىلمايدۇ.كىيىنرەك ئۇنىڭ دىققەت كۈچىنى بارغانسىرى كۆپرەك يەھۇدى دۆلىتىنى تىرىلدۇرۇش ۋە دۇنيا يىنىچلىقى مەسىلىلىرى ئىگەللىۋالىدۇ. 1932-يىلى ئېينىشتىيىن مەشھۇر فىزىكا ئالىمى لانگېۋىن بىلەن بىرلىكتە فاشىسىزىمغا قارىشى تۇرىدۇ.

1933-يىلى گىتلىر تەخىتكە چىقىپ، ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزىريىسىنى «يەھۇدى پىتنىسى» دەپ جاكارلايدۇ. ئۇنى بىرلىن پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ رويىخېتىدىن ئۈچۈرۋېتىدۇ، ھەمدە ئېينىشتىيىننىڭ ئەنگىليەنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ، ئۇنى سىرتتىن ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىدۇ، ئۈيى تىنىتىلىدۇ، مال- مۈلىكى مۇسادىرە قىلنىدۇ، ئەسەرلىرى كۆيدۈرۋېتىلىدۇ. شۇ يىلى 10-ئايدا ئېينىشتىيىن ئامرىكىغا بېرىپ، يىڭى جىرسىې شىتاتىنىڭ پىرېنىستۇن ئالى تەتقىقات ئورنىدا پىراپىسسور بۇلىدۇ. 1940-يىلى ئۇ ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۈتىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ھالدا ئامرىكىدا نەزىريە فىزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئېينىشتىيىن نىيوتۇندىن قېلىشمايدىغان ئىلىم-پەن پىشىۋاسى. ئۇ فىزىكىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەگەر پەقەت مۇھىمىنىلا تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا، خۇددى ئېينىشتىيىن ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا قالدۇرغان بىر قول يازما ئارگىنالىدا خۇلاسە قىلغاندەك: «زامان، ماكان، تارتىش كۈچى، ماسسا ۋە ئىنىرگىيە تەڭ قىممەتلىك نەزىريىسى قاتارلىق يىڭى نوختىنەزەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نىسپىيلىك نەزىريىسىنى بەرپا قىلىش، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مەيدان نەزىريىسىنى تىكلەش ‹پۈتتۈرەلمەيدۇ› كۋانىت نەزىريەسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۆھپە قۇشۇش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشى كىرەك». كىيىن ئېينىشتىيىن كۋانىت مىخانىكا نەزىريەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل تۈردە كۈڭۈل بۈلۈپ، كوپنھاگىن ئىلمى ئېقىمىدىكى بور، بون قاتارلىقلار بىلەن ئىلىم جەھەتتە 30 يىلغا يېقىن بەس مۇنازىرە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىتەكچىلىك قىلغۇچى ئۇستاز بولمىغان ئەھۋالدا مۇشۇنداق ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىگە بۇلىشى ئىلىم- پەن تارىخىدا بۇلۇپ باقمىغان ئىش ئىدى. ئېينىشتىين نوپۇزغا خۇراپىيلارچە ئىشىنپ كەتمىگەن، باشقىلارنىڭ ئۈزىگە خۇراپىيلارچە ئىشىنىپ كىتىشىگە ۋە چۇقۇنىشىغا قارشى تۇرغان.1952-يىلى ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى ۋېسمان ئۆلگەندىن كىيىن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە كەڭ جامائەت ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ بوۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ پەقەت:«مەن زۇڭتۇڭ بولامايمەن» دىگەن سۆزنىلا قىلىدۇ. ئۇنىڭ «ھەقىقەتكە ئىگە بۇلۇشقا قارىغاندا ھەقىقەتنى تېپىش تېىخىمۇ قىممەتلىك» دىگەن ھىكمەتلىك سۈزى بار. دەرۋەقە ئۇ ھەقىقەتنى تېپىش يۇلىدا مەڭگۈ «توختىماي» ئوتتى. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى ئىلىم-پەننىڭ ئەگىرى-تۇقاي يوللىرىدا باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇرى پەللىگە ئۆرلىگەن يېرىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىتى ئىچىدە ئۇ بىر كۈنمۇ تىنىم تاپمىغان. ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئاتۇم ئىنىرگىيسدىن پايدىلنىش، تۇنجى ئاتۇم بومىبىسىنى ياساش، قۇياش ئىنىرگىسىدىن پايدىلنىش، قوزغۇتۇلغان نۇر تېخنىكىسىنىڭ كۆپ قوللىنىشى... مانا مۇشۇ پەن-تەخنىكىدىكى ئۇلۇغ نەتىجىلەرنىڭ ھەر قايسىسىغا ئېينىشتىيىن ئۆز ھاياتىدىكى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق نەزىريىۋى ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنيىتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قۇشۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى ئېينىشتىيىن 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 76يېشىدا ئامرىكىدا كىسەل كارۋىتىدا تەتقىقات ئۈستىدە ۋاپات بولدى.

ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ دۇنياغا كىلىشى ۋە فىزىكىدىكى ئورنى ھەققىدە

[تەھرىرلەش]

2006-يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۇلۇغ ئالىم ئالبىرىت ئېينىشتىيىن (Albert Einstein) نىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 127 يىللىق خاتىرە كۈنى. 2006- يىلى 4-ئاينىڭ 18- كۈنى ئۇ ۋاپات بولغانلىقىغا 51 يىل بولغان خاتىرە كۈن. ئېينىشتىيىن تەبىئى پەنگە ئۇلۇغ، كۆپ تەرەپلىمە تۆھپىلەرنى قوشتى، ئۇنىڭ ئەڭ زور ئىلمى تۆھپىسى نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ ئاساسىنى ياراتقانلىقى بولدى. نىسپىيلىك نەزىريىسى تۈۋەندىكىدەك ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى، ئىككىنچىسى كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى. ئېينىشتىيىن نىيوتۇن مىخانىكىسىنى تەرەققى قىلدۇروپ، 1905-يىلى 6-ئايدا يازغان «ھەركەتتىكى جىسملارنىڭ ئىلىكتىر دىنامىكىسى» دىگەن ئەسىرىدە تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنى تىكلەپ، فىزىكىنىڭ يىڭى دەۋرىنى يارىتىدۇ. ئۇ نىسپىيلىك پىرىنسىپى بىلەن يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسى پىرىنسىپنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. شۇنداقلا زامان، ماكانلارنىڭ يىڭى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. شۇ يىلى 9- ئايدا يەنە «جىسىمنىڭ ئىنىرتسىيسى ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنىرگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟» دىگەن ئىلمى ماقالىنى يېزىپ چىقىپ، داڭلىق ماسسا ئنىرگىيە مۇناسىۋەت ئىپادىسى نى ئوتتۇرغا قويۇپ،ماسسىسى بولغان جىسىمدا ئېنىرگىيە ساقلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ،ئاتوم ئېنىرگىيسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن نەزىرىيىۋى ئاساس يارىتىدۇ.1907-يىلدىن باشلاپ كەڭ مەنىدىكى نىسبىلىك نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1916-يىلى دوستى ماتىماتىكا ئالىمى گىروسماننىڭ ياردىمى بىلەن گىرمانىينىڭ «فىزىكا ژورنىلى» دا «كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ ئاساسى» دىگەن ئىلمى ماقالىسنى ئىلان قىلىپ، كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنى تىكلەيدۇ. ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ تارتىش كۈچى نەزىريىسى ۋە ھەركەت تەڭلىمىسىگە ئاساسەن: (1) نۇرنىڭ قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەسىر بىلەن "1.7 بۇلۇڭ بىلەن ئېغىشىدىغانلىقى، (2) مىركورىنىڭ كۈنگە يېقىن نوختىسىنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىگى بىلەن ئاستا ھەركەت قىلىدىغانلىقى،(3) تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئىسپىكتىر سىزىقلىرىنىڭ قىزىل تەرەپكە سىلجىيدىغانلىقى... قاتارلىق ئۈچ چوڭ ھۈكۈمنى ئالدىنئالا ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. 1919- يىلى ئەنگىليە ئاستۇرنومىيە ئالىمى ئېيدېڭتون (a.s.Eddington) قۇياشنىڭ كۈيۈشىنى كۈزۈتۈش ئارقىلىق تەجىربە ئىسپاتلىغان. نۇرنىڭ "1.64 بۇلىڭىدا ئېغىشى بىلەن ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ئاساسەن ئوتتۇرغا قويغان ھۈكۈمىدىكى سانلىق قىممەت ئىمنتايىن يېقىن بولغان. ئەنگىليەنىڭ مەشھۇر فىزىكا ئالىمى تومسۇن (j.j Thomson) ھاياجانلانغان ھالدا: «ئېينىشتىيىن ياراتقان نىسپىيلىك نەزىريىسى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى» دەپ جاكارلىغان. 1929-يىلى 2-ئايدا، ئېينىشتىيىن «بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزىريىسى» دىگەن ئىلمى ماقالىنى ئىلان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئاساسەن كىيىنكى يېرىم ھاياتىنىڭ بارلىق زىھنى كۈچىنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مەيدان نەزىريىىسنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلاپ، تارتىش كۈچى مەيدانى بىلەن ئىلكتىر ماگىنىت مەيدان نەزىريىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرىنىدۇ. گەرچە ئېينىشتىيىننىڭ بۇ جەھەتتكى تەتقىقاتلىرىدا ئېيتقىنىدەك مۇھىم ئىلگىرلەشلەر بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پۈتۈنلەي يىڭى بولغان تەتقىقات ساھەسىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى بىلەن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئەلۋەتتە. 1976-يىلى گىلاسخوۋ، ۋېنبېرىگ، ئابدۇسالاملار ئاجىز ئىلىكتىر بىردەكلىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان مەيدان نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئېينىشتىيىن نەزىريىسىنىڭ رىئاللىقى بارغانسىرى تەجىربە تەرىپىدىن ئىسپاتلانماقتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى كىشىلەر كۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسىر، ئاجىز ئۆز-ئار تەسىر، ئىلىكتىر ماگىنىتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بۇلۇشۇپ، بۈيۈك بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيىۋاتىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ ئۇرۇنداشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىشلرىغا بارغانسىرى كۈڭۈل بۈلۈنۈپ، ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلمەكتە. ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزىريىسىنى ئىككى چوڭ مەزمۇن ۋە يەتتە كىچىك نوختىغا يىغىنچاقلاشقا بۇلۇدۇ.

تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى

[تەھرىرلەش]

(1) تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى نىسپىيلىك قائىدسى: مەيلى مىخانىكىلىق ھادسىلەر بولسۇن ياكى ئوپىتكا ۋە ئىلىكتىر ماگىنىت ئىلمى ھادىسىلەر بولسۇن، ئۇلار ئەمەل قىلىدىغان قانۇنيەتلەر ئىنىرتسىيلىك سېستىمىلارنىڭ ھەركەت ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇلىدۇ. دىمەك، مىخانىكا قانۇنى بىلەن ئىلىكتىر ماگىنت ھەركىتى قانۇنىنى بارلىق ئىنىرتسىيلىك سېستىمىلاردا ئوخشاش تۇرغۇزۇشقا بۇلىدۇ. مانا بۇ پەرەز تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى نىسپىيلىك قائىدىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى نىسپىيلىك قائىدىسى ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندىن كىيىنكى 100 يىل ۋاقىتتىن بۇيان، كىشىلەر نىسپىيلىك قائىدىسى ئۈستىدە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تەجىربە ئېلىپ بارغان ۋە بۇ تەجىربىلەرنىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى بارغانسىرى يۇقۇرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر، نىسپىيلىك قائىدىسىگە زىت كىلىدىغان تەبىئى ھادىسلەر تېخى ئۇچىراپ باقمىدى. ئەلۋەتتە، ئىنسانلارغا ھەركەتنىڭ نىسپىيلىگى توغىرىسدا، بۇندىن كىيىن يەنە ئۆزلۈكسىز رەۋىشتە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ.

تار مەنىلىك نىسپىلىك نەزىريىسىدىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك قائىدىسى

[تەھرىرلەش]
ۋاكوئومدا يۇرۇقلۇق ھامان بىر مۇقىم تىزلىك بىلەن ئەتراپقا تارقىلىدۇ. بۇ تىزلىكنىڭ تىز ئاستىلىقى تارقاتقۇچى جىسىمنىڭ ھەركەتلىنىش ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇلىدۇ.

تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىدىىكى ھەركەتلىك سائەتنىڭ ئاستىلايدىغانلىقى ۋە ئۆلچىگۈچنىڭ قىسقىرايدىغانلىقى

[تەھرىرلەش]
تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇدىكى، سائەت ھەركەت قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن، سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ مېڭىشى ئاستىلاپ بارىدۇ. بۇ كۆپلىگەن فىزىكىلىق تەجىربىلەردە ئىسپاتلاندى. يۇقۇرى ئىنىرگىيلىك ئاساسى زەرىچىلەرنىڭ ھەركەتلىنىش تىزلىكى ناھايىتى يۇقۇرى بۇلۇپ، يۇرۇقلۇق تىزلىكىگە ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ. بىز ئۆلچەپ چىققان يۇقۇرى تىزلىكتىكى مېزوتروننىڭ ئاجىزلىشىش ئۆمرىنى تەجىربىدە ئۆلچەپ چىقىلغان تىنىچ تۇرغان مىزوترۇننىڭ ئۆمرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۈرىدىغان بولساق، ھەركەتتىكى مىزوترۇننىڭ ئۆمرى تىنىچ تۇرغان مىزوترۇننىڭ ئۆمىرىگە قارىغاندا، ناھايىتى كۆپ ئۇزارغانلىقىنى ىبلىپ ئالالايمىز. بۇ تەجىربە نەتىجىسى تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسدىكى ھەركەت قىلىۋاتقان سائەتنىڭ ئاستىلاش ئىفىكتى بىلەن ماس كىلىدۇ.1971-يىلى ئىككى ئامرىكىلىق ئالىم ئاتۇم سائىتىنى رىئاكتىپ ئايرۇپىلانغا سېلىپ، يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ، يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئايرۇپىلاندىكى ئاتۇم سائىتىنىڭ رەقىمىنى يەر يۈزىدىكى ئاتۇم سائىتىنىڭ رەقىمى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۈرۈپ، بۇ ئىككى رەقەم ئوتتۇرسىدا ئىنتايىن كىچىك پەرق بارلىقىنى بايقىغان. بۇ ئىنتايىن كىچىك پەرقنىڭ بىر قىسمى تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى سائەتنىڭ ئاستىلايدىغانلىقىدىن كىلىپ چىققان. كۆپلىگەن فىزىكا ئالىملىرى شۇنداق تۇنىماقتىكى، تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى بۇيىچە ئالەم كىمىسىگە چۈشكەن ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۇزىرايدۇ، بۇنى فورمىلا غا ئاساسەن بىگىلى بۇلىدۇ. شۇڭا، كەلگۈسى دۇنيادىكى كىشىلەر ناھايىتى يىراقتىكى يۇلتۇزلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشى مۇمكىن. ئۆلچۈگۈچ- ئۇزۇنلۇقنىڭ ئۆلچىمى. رەخلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۆلچۈگۈچ ئارقىلىق ئۆلچۈنىدۇ. يولنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ئۆلچۈگۈچى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. فىزىكىدا جىسىملارنىڭ كوردىنات سېستىمىسىدىكى ئورنىمۇ ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئۇمۇمەن ئالغاندا جىسىملارنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى، ئورنى ئوخشاشلا ئۆلچۈگۈچ بىلەن ئۆلچىنىدۇ. سائەت ۋە ئۆلچۈگۈچنىڭ بۇ ئىشلىتىلىش ئۇرۇنلىرى كۆپچىلىككە ناھايىتى ئايان. بىراق، بۇ سائەت ۋە ئۆلچۈگۈچ كۈزەتكۈچىگە نىسبەتەن تىنىچ تۇرغان بۇلىدۇ. ئۆلچۈگۈچ تىنىچ تۇرغاندا، بىز ناھايىتى ئاسانلا ئۇنى باشقا تىنىچ تۇرغان جىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا سېلىشتۇرالايمىز. شۇڭا ئۆلچەملىك ئۆلچۈگۈچ ئارقىلىق، تىنىچ تۇرغان ئۆلچىگۈچنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ئۆلچەش ناھايىتى ئاسانغا چۈشىدۇ. مەسىلەن: بىر پويىز ۋوگۇزالدا تۇرغاندا، بىز پويىزنڭ قۇيرۇق قىسمىغا توغرا كىلىدىغان رېلىسنىڭ مەلۇم نوختىسىنى خاتىرلەپ ئېلىپ، يەنە بۇ پويىزنىڭ باش قىسمىغا توغراكىلىدىغان رىلىسنىڭ مەلۇم نوختىسىنى خاتىرلەپ ئېلىپ، ئاندىن ئۆلچۈگۈچ ئارقىلىق بۇ ئىككى نوختىنىڭ ئارلىقىنى ئۆلچەپ چىقىدىغان بولساق، بۇ پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بىلىپ ئالالايمىز. بۇ خىل ئۇسۇل تىنىچ تۇرغان پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەشكىلا مۇۋاپىق كىلىدۇ. ھەركەتتىكى پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. مەسىلەن: بىر پويىز سائىتىگە 100 كىلومىتىر سۈرئەت بىلەن كىتىۋاتقان بولسۇن، بىز مەلۇم ۋاقىتتا پويىزنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا توغراكىلىدىغان رېلىسنىڭ مەلۇم نوختىسىنى خاتىرلەپ، بىر سائەت ئۆتكەندىن كىيىن، بۇ پويىزنىڭ بېشىغا توغرا كىلىدىغان رېلىسنىڭ مەلۇم نوختىسىنى خاتىرلەپ ئالساق، بۇ چاغدا، رېلىسنىڭ ئىككى نوختىسى ئارسىدىكى ئارلىق دەرۋەقە پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولماستىن، بەلكى پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا، پويىزنىڭ بىر سائەتتە باسقان مۇساپىسى قۇشۇلغان بۇلىدۇ. ئۇنداقتا ھەركەت قىلىۋاتقان پويىزنىڭ ئۇزۇنلىقىنى قانداق ئۆلچەش كىرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۈمۈر يولنىڭ ياقىسىدا تۇرغان ئىككى كۈزەتكۈچى پويىزنىڭ بېشىغا توغرا كىلىدىغان رېلىس ئورنى بىلەن پويىزنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا توغرا كىلىدىغان رېلىس ئورنىنى «بىرلا ۋاقىت» تا خاتىرلەپ ئېلىش كىرەك. بۇ ئىككى ئۇرۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىق ھەركەتتىكى پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولىدۇ. مۇنداق ئۆلچەپ چىقىلغان ھەركەتتىكى پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى، تىنىچ تۇرغان پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا قارىغاندا، قىسقىراق بولىدۇ. مانا بۇ ھەركەت قىلىۋاتقان ئۆلچۈگۈچىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ قىسقىراش ھادىسىدۇر. ھەركەت قىلىۋاتقان ئۆلچۈگۈچىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ قىسقىراش دەرىجىسى ھەركەتلىنىش سۈرئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ. ھەركەتلىنىش سۈرئىتى قانچە تىز بولسا، ئۇزۇنلۇقىمۇ شۇنچە قىسقىراپ بارىدۇ.

تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى ماسسا بىلەن ئىنرگىيە ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەت

[تەھرىرلەش]
نىيوتۇن مىخانىكىسىدا، بىر جىسىمنىڭ ئىنىرتسىيلىك ماسسىسى ئۆزگەرمەيدىغان تۇراقلىق مىقدار ھىساپلىنىدۇ. سىرتتىن كىلىدىغان تەسىر كۈچ مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىر جىسىمنىڭ ھەركەت ئىنرگىيسى شۇ جىسىمنىڭ ھەركەت ئىنىرگىيىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ھەركەت ئىنىرگىنىڭ چوڭ- كىچىكلىگى، جىسىمنىڭ ھەركەتلىنىش تىزلىكىنىڭ كۇادىراتىغا ئوڭ تاناسىپ بۇلىدۇ. جىسىم تىنىچ تۇرغاندا، ھەركەت ئىنىرگىيىسى نۆلگە تەڭ بۇلىدۇ. تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدە، بىر جىسىمنىڭ ئىنرگىيسى ئوخشاشلا شۇ جىسىمنىڭ ھەركىتىنىڭ تىزلىكىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ زورىيىدۇ. بىراق، تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى ئىنىرگىينىڭ نىيوتۇن مىخانىكىسىدىكى ھەركەت ئىنىرگىيەگە ئوخشىمايدىغان مۇنداق ئىككى نوختىسى بار: ① جىسىم تىنىچ تۇرغاندا، ئۇنىڭ ئىنىرگىيسى نۆلگە تەڭ بولماستىن، بەلكى مەلۇم چەكلىك قىممەتكە ئىگە بۇلىدۇ. ② جىسىمنىڭ ھەركەتلىنىش تىزلىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكىگە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ ئىنىرگىيسى چەكسىز زورۇيۇشقا قاراپ يۇزلىنىدۇ. ئۇنداق بولسا، ماسسا بىلەن ئىنىرگىيە قانداق مۇناسىۋەتكە ئىگە؟ تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدە، ماسسا بىلەن ئىنىرگىيە بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بۇلىدۇ. مەلۇم مىقداردىكى ماسسا مەلۇم مىقداردىكى ئىنىرگىيەگە ماس كىلىدۇ. كونكىرىتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، جىسىمنىڭ ئىنرگىيسى جىسىمنىڭ ئىنرتسىيلىك ماسسى نى يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ كۇادىراتىغا كۈپەيتكەنگە تەڭ بۇلىدۇ. مانا بۇ تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى ماسسا بىلەن ئىنىرگىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بۇلۇپ، قىسقارتىپ ماسسا ئىنىرگىيە مۇناسىۋىتى دەپ ئاتلىدۇ. ئەگەر جىسىمنىڭ ئىنىرگىيىسىنى E بىلەن، جىسىمنىڭ ئىنىرتسىيلىك ماسسىنى m بىلەن، يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىc بىلەن ئىپادىلىسەك، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تۈۋەندىكىدەك مۇناسىۋەت فورمىلاسى بىلەن يېزىش مۇمكىن. مانا بۇ ئېينىشتىيىننىڭ مەشھۇر ماسسا ئىبىرگىيە مۇناسىۋىتىدۇر. بىز يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن تۆت نوختىدىكى تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىنى 1905-يىلى ئېينىشتىيىن ياراتقان. مۇشۇ 100 يىلدىن بۇيانقى ۋاقىت ئىچىدە، تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى ئىلمى تەجىربىنىڭ تەكرار سىناقلىرىدىن ئۆتتى. ھازىر ئۇ، يېقىنقى زامان فىزىكىسىنىڭ بىر چوڭ نەزىريىۋى تۈۋرۈگى بۇلۇپ، ئاتۇم فىزىكىسى، زەرىچىلەر فىزىكسى، ۋە ئاستۇرنومىيە فىزىكىسى قاتارلىق پەنلەردە، كەڭ دائىردە قوللۇنۇلماقتا ۋە يىتەكچىلىك قىلماقتا. شۇنداق ئېيتىشقا بۇلۇدۇكى، تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى- يېقىنقى زامان تەرەققىيات تارىخىدا چوڭقۇر ئىنقىلاپ بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. 2. كەڭ مەنىلىك نسپىيلىك نەزىريسى

تارتىش كۈچىنىڭ سىرى ۋە كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى

[تەھرىرلەش]
«ئاي نىمىشقا مۇئەللەقتە تۇرۇپ قالدى،ئاي پەرىسى ياتلىق بولماي ئۇرۇن ئالدى. بوشلۇقتا يۇلتۇزلار چاقناپ، ئاي پارقىراپ تۇرىدۇ. قانداق كۈچ ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ، ئەمما يىراققا كەتكۈزۋەتمەي تۇتۇپ تۇرىدۇ؟» بۇ قىيىن مەسىلە دەل تارتىش كۈچىنىڭ سىرى ئىدى. تارتىش كۈچىنىڭ سىرى تىگى-تەكتى توغىرىدىكى ئەستايىدىل ئىزدىنىش كوپىرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى، چىركاۋنىڭ زۇلمەتلىك ھۈكۈمرانلىقى، يۈلەپ تۇرغان يەر شارى مەركەز تەلىماتىنى ئىنكار قىلىپ، ئىنسانلار قۇياش سېستىمىسىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تۇنىغاندىن كيىن باشلانغان. ئۇ ⅩⅦ-ئەسىردىكى ئىش ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە كېپلىر كۆپلىگەن ئاستۇرنومىيە كۈزۈتۈش ماتىرياللىرىنى يەكۈنلەپ چىقىپ، سەييارىلەرنىڭ قۇياشنى دەۋىر قىلىپ، ئايلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۈچ تەجىربە قانۇنىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئوتكەندىن كىيىن، نىيوتۇن كىپلىرنىڭ ئۈچ قانۇنى ئاساسىدا، تۈنجى قېتىم تارتىشش كۈچى توغىرىسىدىكى نەزىريەنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ، ئالەمدىكى بارلىق جىسىملار ئوتتۇرىىسدا بىر-بىرىنى تارتىپ تۇرىدىغان كۈچ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تارتىشش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئىككى جىسىمنىڭ ماسسىلىرىنىڭ كۈپەيتمىسىگە ئوڭ تاسىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىقنىڭ كۇادىراتىغا تەتۇر تاناسىپ بۇلىدۇ. مانا بۇ تارتىشش كۈچى قانۇنى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنكى 300 يىل مابەينىدە، نىيوتۇننىڭ تارتىش كۈچىنىڭ سىرى توغىرىسىدىكى جاۋاپ ئاستۇرنومىيەدە ئۆزلۈكسىز ئىسپاتلىنىپ، غايەت زور كۈچ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە. نىپوتۇننىڭ تېپىلىشى-تارتىشش كۈچى قانۇنيىتىنىڭ مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشكەنلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىللىرىنىڭ بىرى. ⅩⅧ-ئەسىردە، كىشىلەر ئۇراننى تاپقان ئىدى. لېكىن بۇ سەييارىنىڭ ئايلىنىش ئوربىتىسى سەل غەلىتە بۇلۇپ، نىيۇتۇننىڭ قانۇنى بۇيىچە ھىساپلاشتىن پەرق چىقتى. ئالىملار نىيوتۇن قانۇنىدا مەسىلە بارمۇ ياكى ئۇراننىڭ سىرتىدا باشقا بىر سەييارە بارمۇ؟ دىگەن مەسىلە بۇيىچە جاۋاپ ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى. ⅩⅨ-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، ئىككى ئاستۇرنوم ئۆز ئالدىغا تېخىمۇ يىراقتا بىر سەييارىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇش مۇمكىنلىكىنى ئالدىنئالا ئوتتۇرغا قۇيۇشتى. ئۇلارنىڭ ھىساۋى بۇيىچە، ئەگەر بۇ سەييارىنىڭ ئۇرانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۆلچەرگە ئېلنىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇراننىڭ ئوربىتىدىكى ھەركىتى نىيوتۇننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كىلەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي كىشىلەر دەرۋەقە قاراڭغۇ بوشلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە يۇشۇرۇنغان بۇ سەييارسە- نىپوتۇننى تاپتى. نىپوتۇننىڭ ئوربىتا پارامىتىرى ھېلىقى ئىككى ئاستۇرنومنىڭ نىيوتۇن قانۇنىغا ئاساسەن چىقارغان ھۈكۈمى بىلەن بىردەك دەرىجىدە بىر خىل بۇلۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كىيىن، كىشىلەر يەنە نىپوتۇننىڭ ئوربىتا پارامىتىرىغا دائىر نەزىريىلىك قىممەتلەر بىلەن كۈزۈتۈش قىممەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتايىن كىچىك پەرقنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىپ، نېپوتۇننى تاپقانغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ، يەنە قۇياش سېستىمىسىدىكى سەييارىلەر ئائىلىسىنىڭ ئەڭ يىراقتىكى ئەزاسى 9-چوڭ سەييارە- پلوتۇننى تاپتى. ئۇنداقتا، نىيۇتۇننىڭ تارتىش كۈچىنىڭ سىرى توغىرىسدا بەرگەن جاۋابىدا چاتاق قالمىدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. گەرچە نىيوتۇن تارتىش كۈچى قانۇنى توغىرىسىدا غايەت زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ⅩⅨ- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كىشىلەر قۇياشقا ئەڭ يېقىن بولغان بىر سەييارە- مىركۇرىنىڭ ھەركىتىنى چۈشەندۈرۈشتە، يىڭىش تەس بولغان قىيىنچىلىققا دۈچ كەلدى. تارتىشش كۈچىنىڭ سىرى مىركورىنىڭ قۇياشقا يېقىن نوختىسىدىكى ئىلگىرلەش مەسىلىسىدە، نىيوتۇننىڭ تارتىشش كۈچى نەزىريىسىنى مۇھاسىرە ئىچىدە قالدۇرۇپ، تۇيۇق مۇھىتقا كىرگۈزۈپ قويدى. بۇ گۇيا تارتىش كۈچىنى تۇنۇپ يىتىشتە بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاپ قىلىش لازىملىقىدىن بىشارەت بەردى. دەرۋەقە، ئېينىشتىيىن 1916-يىلى كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، بۇ ئىنقىلاپنى تاماملىدى. كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى تارتىشش كۈچىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى شۇ بولدىكى، ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ گىومىتىريىلىك خۇسۇسىيتىدە ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلىدىن ئۆزگۈرۈش يۈز بەرگەن بۇلىدۇ. يەنە قايرىلىش يۈز بەرگەن بۇلىدۇ. بۇ خىل ئۆزگۈرۈش ئۆز نۆۋىتىدە باشقا ماددىلارنىڭ ھەركىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ- ماددىلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ مەنبىئى. شۇڭا، ماددىلار ئوتتۇرىسدىكى تارتىش كۈچىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ قايرىلىش دەرىجىسى ئارقىلىق تەسۋىرلىنىدۇ. كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى ئىنسانلارنىڭ تارتىشش كۈچى ھەققىدىكى تۇنۇشىنى مىسلى كۈرۈلمىگەن يۈكسەك دەرىجىدە يۇقۇرى كۈتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ ۋاقىت، بوشلۇق، ھەتتا پۇتكۈل ئالەم توغىرىسىدىكى تۇنۇشنىمۇ مىسلى كۈرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقۇرى كۈتۈردى. تارتىشش كۈچىنىڭ سىرىغا پۈتۈنلەي يىڭىچە جاۋاپ بەردى.

كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى خەۋەر ئۇزاتقۇچى «ئەلچى»- تارتىش كۈچى دولقۇنى

[تەھرىرلەش]
ئېينىشتىيىن 1916-يىلى ئوتتۇرغا قويغان كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى دەل بۇ خىل تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى. ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتى ماددا بىلەن بوشلۇقنىڭ گىئومىتىريەلىك خۇسۇسىيتىنى بەلگۈلەيدۇ، ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنىڭ گىئومىتىريەلىك خۇسۇسىيتى بولسا، ئۆز نوۋىتىدە ماددىنىڭ ھەركىتىنى بەلگۈلەيدۇ. مانا بۇ تارتىش كۈچى ھادىسىسىنىڭ ماھىيتىدۇر. تىزلىكىنى ئاشۇرۇپ ھەركەت قىلىۋاتقان بىر جىسىم ئەتراپتىكى ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنىڭ خۇسۇسىيتىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىدۇكى، بۇ خىل ئۆزگۈرۈش دولقۇنسىمان ھەركەتلىنىش شەكلى بىلەن ئەتراپقا تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىراق جايدىكى جىسىمنىڭ ھەركىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دىمەك، بۇ تارتىشش كۈچى دولقۇنى مەۋجۇت دىگەنلىكتۇر. كىشىلەرنىڭ دۇنيانى تۇنۇشتا، دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى مەخسەت قىلىدۇ. ئىلىم-پەندىكى ھەر قانداق كەشپىيات مەيلى بالدۇر، مەيلى كىيىن بولسۇن ھامان ئىنسانلارغا بەخىت يارىدىغان غايەت زور ماددى كۈچكە ئايلىنىدۇ. شۇنداق پەرەز قىلىشقا بۇلىدۇكى، تارتىشش كۈچى دولقۇنىنى سۈنئى ھاسىل قىلىش ۋە قۇبۇل قىلىش تېخنىكىسى ئىگەللەپ ئېلنىدىكەنم، ئىنسانلارنىڭ نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ چۇڭىيىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچقىرىش ۋە تۇرمۇشىدا يىپ-يىڭى قىياپەت بارلىققا كىلىدۇ.

«كۈرۈنمەيدىغان ئاسمان جىسىمى- قارا ئۆڭكۈر»

[تەھرىرلەش]
ⅩⅧ-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، فىرانسىيلىك مەشھۇر ئاستۇرنۇوم لابلاس نىيوتۇننىڭ تارتىش كۈچى نەزىريىسىگە ئاساسەن، «قارا» ئاسمان جىسىمنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغىرىسدا ئالدىن ھۈكۈم چىقارغان ئىدى. ئۇ، «ئالەمدىكى ئەڭ زور نۇر تارقاتقۇچى جىسىم بىزگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، كۈرۈنمەسلىكى مۇمكىن.» دەپ يازغان. لېكىن، ئەينى ۋاقىتتا ئاستۇرنوملارغا مەلۇم بولغان بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايرىلىش تىزلىكى يۇرۇقلۇق تىزلىگىدىن خېلىلا كىچىك تۇراتتى. مەسىلەن: قۇياش يۇزىنىڭ ئايرىلىش تىزلىكى، يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ 500 دىن بىرىگە يەتمەيتتى. شۇڭا، لابلاسنىڭ «قارا» ئاسمان جىسىمى پەقەت بىر خىل ھەددىدىن ئاشۇرۋېتىلگەن تەسەۋۋۇر دەپ قارىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەستايىدىل ئويلۇنىشىنى قوزغىمىغان ئىدى. ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، گىرمانىيە ئاستۇرنومى شىۋاز شىلىت كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ئاساسەن، شارسىمان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تارتىشش كۈچى مەيدانىنى مۇكەممەل چۈشەندۈرۈپ بەردى. مۇشۇ چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر ماسسىسى قۇياشنىڭكىگە ئوخشاش بولغان بىر ئاسمان جىسىمىنىڭ رادىئوسى تارىيىپ ئۈچ كىلومىتىرغا يىتىدىغان بولسا، ياكى ماسسىسى ئۈچ ھەسسە چۇڭايسا، ئۇنىڭ تارتىش كۈچ مەيدانىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن نۇرى تارقىلىپ چىقالمايدۇ. يۇرۇقلۇق تىزلىكى ئالەمدىكى ئەڭ چېكىگە يەتكەن تىزلىك بولغاچقا، بۇ ھەرقانداق جىسىمنىڭ بۇ دائىرە ئىچىگە كىرىپ قالغاندا، خۇددى «تىگى يوق ھاڭ» غا چۈشۈپ كەتكەندەك، قايتىپ چىقالمايدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ دائىرىنى «قارا ئۆڭكۈر» دەپ ئاتاشتى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ «قارا ئۆڭكۈر» توغىرىسىدىكى ئالدىن چىقارغان ھۈكۈمى، لابلاسنىڭ ھۈكۈمى بىلەن تامامەن ئوخشاش چىقتى. يىڭى ئىنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئىزدەش فىزىكىنىڭ بىر مۇھىم نىشانى بۇلۇپ كەلدى. ھازىرغىچە ئىنسانلار ئىگىلىگەن ئۈنۈمى ئەڭ يۇقۇرى ئىنىرگىيە مەنبەسى ئاتۇم يادروسىنى پولمىرلاش (بىرىكىش) دىن ئىبارەت. نەزىريە جەھەتتىن ئېيتقاندا «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» دىن ئېلىنىدىغان ئىنىرگىيەنىڭ ئۈنۈمى يادرونىڭ پولمىرلىنىشىدىن ئېلىنىدىغان ئىنىرگىيە دىن كۆپ بۇلىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]